جەنۇبىي كورېيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى ئاپىتى يۈزىسىدىن ئائىلىلەرگە نەق پۇل ياردەم قىلىنىدىغان بولدى

جەنۇبىي كورېيەدە، ھۆكۈمەت ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (Kovid-19) يۇقۇمىنىڭ ئىقتىسادقا سەلەبىي تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا كىرىملىك ئائىلىلەرگە «جىددىي ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش» ياردىمى دائىرىسىدە، ئىقتىسادىي ياردەم بېرى

1387807
جەنۇبىي كورېيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى ئاپىتى يۈزىسىدىن ئائىلىلەرگە نەق پۇل ياردەم قىلىنىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى جەنۇبىي كورېيە خەۋەر ئاگېنتلىقى «يونھاپ»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پرېزىدېنت مون جائىن ئىقتىساد كېڭىشىنىڭ جىددىي يىغىنىدىن كېيىن، تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا كىرىملىك ئائىلىلەرگە نەق پۇل ياردىمى بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ياردەم دائىرىسىدە، 14 مىليون ئائىلىگە بىر قېتىملا بېرىش ئۈچۈن جەمئىي 9 تىرىليون 100 مىليارد ۋون (تەخمىنەن 7 مىليارد 400 مىليون دوللار) ئايرىش پىلانلاندى.

بۇنىڭ 7 تىرىليون 100 مىليارد ۋون (تەخمىنەن 5 مىليارد 800 مىليون دوللار)ى مەركىزى ھۆكۈمەت خامچوتىدىن، 2 تىرىليون ۋون (تەخمىنەن 1 مىليارد 600 مىليون دوللار)ى يەرلىك ھۆكۈمەت خامچوتىدىن ئاجرىتىلىدىغان بولدى.

جەنۇبىي كورېيەدە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 9661 گە يەتكەن بولۈپ،  ھازىرغىچە 158 ئادەم ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغان ئىدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر