ئىتالىيە باش مىنستىرى: كۆرۈنمەس ۋە مەككار دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشۇۋاتىمىز

دۇنيا مىقياسىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەب بولغان ئۆلۈملەر 21 مىڭغا يېقىنلاشتى.

1385434
ئىتالىيە باش مىنستىرى: كۆرۈنمەس ۋە مەككار دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشۇۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە  ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 683 كىشى ئېشىپ 7 مىڭ 503 كە يەتتى.

ئىتالىيەدە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار 74 مىڭ 386 كىشىگە يەتتى. ئىتالىيە يەرلىك تاراتقۇلىرىدا بىلدۈرۈلىشىچە، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن يېڭىدىن ئالتە دوختۇر جېنىدىن ئايرىلغان بولۇپ، دۆلەتتە ۋىرۇس كۆرۈلگەن 2020-يىلى 21-فېۋرالدىن تارتىپ جېنىدىن ئايرىلغان ساقلىق ساقلاش خادىملىرى 31 گە يەتكەن.

ئىتالىيە باش مىنىستىرى جۇزۇپپې كونتې (Giuseppe Conte) ۋۇخەن ۋىرۇسى ھەققىدە توختىلىپ: «ئۆيلىرىمىزگە كىرگەن، بىزنى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى قايتىدىن ئويلىنىشقا مەجبۇرلىغان، دوست قوللاردىن شۈبھىلىنىشكە يول ئاچقان كۆرۈنمەس ۋە مەككار دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتىمىز» دېدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 3 مىڭ 434 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، بۇ جەھەتتە ئىتالىيەدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىسپانىيە، ناتوغا قاراشلىق ياۋروپا-ئاتلانتىك ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش كوردىناتسىيە مەركىزى (EADRCC)  دىن تىببىي لازىمەتلىكلەر ياردىمى تەلەپ قىلدى.ئىسپانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 47 مىڭ 610 كىشىدىن 5 مىڭ 400 ىنىڭ ساقلىق ساقلاش خادىمى ئىكەنلىكى ئېيتىلماقتا.

ئىسپانىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 655 كىشى ئېشىپ 4 مىڭ 89 غا يەتتى. دۆلەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش دائىرىسىدە، 2020-يىلى 14-مارتتا ئېلان قىلىنغان ۋە 29-مارتتا ئاخىرلىشىدىغان جىددىي ھالەت 11-ئاپرېلغىچە ئۇزارتىلدى.

ئىسپانىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى كارمېن كاۋلو (Carmen Calvo) نىڭمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. باراۋەرلىك مىنىستىرى مونتېرو (Montero) بىلەن مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋە رايونلۇق سىياسەت مىنىستىرى كارولىنا دارىياس (Carolina Darias) نىڭ سالامەتلىكى ياخشىلانغان بولسىمۇ، ئەمما داۋاملىق كارانتىن ئاستىدا تۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 231 كىشى ئېشىپ 1331 غا يەتتى. فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ئارمىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇشتا خەلققە ۋە ئىدارە-ئورگانلارغا ياردەم قىلىپ تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ جەرياندا، دۆلەت مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئەلرايى دوكلاتىدا، خەلقنىڭ %73 ى ھۆكۈمەتنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەب بولغان كىرىزىس ئۈستىدىن غالىپ كېلىشكە تەييار ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەلرايى دوكلاتىدا ئەسكەرتىلىشىچە، ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلار %87 ئىكەن.

بېلگىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 42 كىشى ئېشىپ 220 گە، يۇقۇملانغانلار 298 كىشى ئېشىپ 6 مىڭ 235 كە يەتتى.

گېرمانىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 198 گە، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 36 مىڭ 508 گە يەتتى.باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېلنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدە غەيرىي ئەھۋال كۆرۈلمىدى.

شىۋېتسىيە پادىشاھى 16-كارل گۇستاف (Carl Gustaf) بىلەن خانىشى سىلۋىيا (Silvia) ۋۇخەن ۋىرۇسى ئەندىشەسى سەۋەبىدىن ستوكھولمدىن فلېن (Flen) شەھىرىدىكى بىر سارايغا كۆچتى.71 ياشلىق پادىشاھ بىلەن 76 ياشلىق خانىش پادىشاھ جەمەتىدىكىلەر بىلەن بولغان كۆرۈشۈشلىرىنى تېلېفون ۋە ۋىدېئو ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرماقتا.

گوللاندىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 80 كىشى ئېشىپ 356 گە، يۇقۇملانغانلار تەخمىنەن 7 مىڭغا يەتتى.

ئەنگلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 43 كىشى ئېشىپ 465 كە چىقتى. يۇقۇملانغانلار 1452 كىشى ئېشىپ 9 مىڭ 529 غا، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار 135 كە يەتتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 10 غا يەتكەن ۋېنگرىيەدە، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر كىشىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ بۇداپېشتتە تۇرۇشلۇق 37 ياشلىق مۇئاۋىن باش ئەلچى ستېۋېن دىك (Steven Dick) ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەب بولغان ئۆلۈم 802 گە يەتتى. يۇقۇملانغانلار 55 مىڭ 238 گە يەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 415 ىنى، بىر ھەپتىدە ئارمىيەدە ئۈچ ھەسسە كۆپەيگەن بېمارلار تەشكىل قىلىدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر (Mark Esper) مىنىستىرلىققا قاراشلىق بارلىق ھەربىي ۋە مەمۇرىي خادىملار بىلەن ئائىلىلىرىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن چەت ئەلگە چىقىشىنى ياكى چەت ئەلگە ساياھەت قىلىشىنى 60 كۈن توختاتتى. بەش بۇرجەكلىك بىنادا خىزمەت قىلىدىغان بىر ئەسكەردە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغانلىقىدەك بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ بىرىنچى ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋەقەسى بىلدۈرۈلدى.

نىيۇ يورك ئىشتاتى ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 33 مىڭ 6، جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ 366 بولۇشى بىلەن، ئامېرىكادا ۋىرۇسنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىشتاتلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ.

نىيۇ يوركتا خالاتلىرى تۈگىگەن سېستىرالار يالتىراق خالتىلاردىن ياسىغان خالاتلارنى كىيىشكە باشلىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دۆلەتتىكى يۇقۇمنىڭ مەركىزى بولغان نىيۇ يوركنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇشتا چوڭ مەسىلە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «نىيۇ يوركنى قىيىن كۈنلەر كۈتۈۋاتىدۇ» دېدى.

كانادادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جنىدىن ئايرىلغانلار 33 كە، يۇقۇملانغانلار 3 مىڭ 292 گە چىقتى. نىيۇفاندلەند (Newfoundland) ئىشتاتىدا ساياھەتتىن قايتىپ كەلگەن 53 ياشلىق بىر ئايال ئۆيدە كارانتىندا تۇرۇشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى.

بىرازىلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 57 گە، ئاۋستىرالىيەدە 12 گە، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىدە 10 غا چىقتى.

مېكسىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئالتە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 475 كىشىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى چەت ئەللەردە ساياھەت قىلغانلارنىڭ تەشكىل قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

رۇمېنىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 13 كە چىقتى، يۇقۇملانغانلار 906 گە چىقتى رۇمېنىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى ۋىكتور كوستاچې (Victor Costache) نىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر