ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بىر قىسىم ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلار...

سۈرئەت بىلەن تارقىلىۋاتقان ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 21 مىڭدىن ھالقىدى.

1385654
ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بىر قىسىم ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئەھۋالىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلار...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلغۇچىلار سانى 2334 كە، يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 29406 گە يەتكەن ئىراندا، شەھەرلەرئارا ساياھەت مەنئى قىلىندى. ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى كوۋىد – 19 غا قارشى كۈرەش ئىقتىساد كومىتېتىدا سۆز قىلىپ، «بۈگۈن تېخىمۇ قاتتىق تەدبىرلەر يولغا قويۇلۇشقا باشلاندى. ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 8 – ئاپرېلغىچە  2 ھەپتىلىك ئىجتىمائىي ئارىلىق قويۇش تۈزۈمىنى يولغا قويدۇق» دېدى.

ئەزەربەيجاندا بىر يۇقۇملانغۇچىنىڭ قازا قىلغانلىقى، يېڭىدىن 6 كىشىدە يۇقۇم بايقالغانلىقى، يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ 81 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيەدە يېڭىدىن 126 ئادەمدە يۇقۇم بايقىلىپ، ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 2495 كە يەتكەنلىكى، بىمارلاردىن 41 ىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. باش مىنىستىر بۇنيامىن نېتانياھۇ دۆلەتنىڭ سەھىيە سىستېمىسىنىڭ ۋەيران بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، ئالاقىدار ئورۇنلارنى قاتتىق سىياسەتلەرنى قوللىنىشقا چاقىرىپ، ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ ئۆزلۈكىدىن قاتتىق ئىنتىزامنى يولغا قويۇشى كېرەكلىكىنى، ئەكسىچە بولغاندا، ئېغىر پاجىئە يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 60 ياشلىق بىر كىشىنىڭ قازا قىلىشى بىلەن، پەلەستىن تەۋەلىكىدە يۇقۇم سەۋەبىدىن تۇنجى ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى كۆرۈلگەن بولدى. ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززە رايونىدا يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 86 گە يەتكەنلىكى، 17 كىشىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يۇقۇملانغۇچىلار سانى 840 كە يەتكەن رۇسىيەدە، پرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن، كوۋىد - 19 سەۋەبىدىن 22 - ئاپرېلدىكى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش پائالىيىتىنىڭ كېچىكتۈرۈلىدىغانلىقىنى، كېلەر ھەپتە پۇقرالارنىڭ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. رۇسىيە مىقياسىدىكى كەچلىك كۇلۇب، كىنوخانا ۋە كۆڭۈل ئېچىش مەركەزلىرى تاقالدى، قەھۋەخانا ۋە ئاشخانىلاردا چىلىم تارتىش مەنئى قىلىندى. رۇسىيەدىكى تارقاقلاشتۇرغۇچى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان نۆۋەتچى ئايروپىلانلاردىن باشقا بارلىق ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ 27 – مارتتىن باشلاپ توختىتىلىشى قارار قىلىندى. رۇسىيەدىكى ئايرودروملاردا يولۇچىلارنىڭ قانلىرى تەكشۈرۈلۈشكە باشلاندى.

ئۇكرائىنادا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 5 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 145 كە يەتتى.

قىرغىزىستان پرېزىدېنتى سورونباي جېئېنبېكوف، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) دىن دۆلىتىگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى؛ قىرغىزىستاندا ھازىرغىچە 44 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.

قازاقىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى، يېڭىدىن 17 كىشىدە يۇقۇم بايقالغانلىقىنى، ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 97 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. قازاقىستاندا، 65 ياشتىن يۇقىرى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ ئىشلەش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئالمۇتا شەھىرىدە يولغا قويۇلغان يېڭى كارانتىن قىلىش بەلگىلىمىسى دائىرىسىدە، دورىخانا، تاللا بازىرى ۋە دوختۇرخانىلاردىن باشقا بارلىق مۇلازىمەت ساھەلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى توختىتىلدى. قەھۋەخانا ۋە ئاشخانىلار پەقەت سائەت 22:00 گىچە ئۆيگە مۇلازىمەت قىلىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى.

ئۆزبېكىستاندا يېڭىدىن 9 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى، ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلار 65 كە يەتتى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان 3 دوختۇرخانىنىڭ قۇرۇلۇشى باشلاندى.

گرۇزىيەدە يېڭىدىن 4 ئادەمدە يۇقۇم بايقىلىپ، يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ 77 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئەرمېنىيەدە يېڭىدىن 25 ئادەمدە يۇقۇم بايقىلىپ، يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ 290 غا يەتتى؛ ئەرمېنىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى، 18 بىمارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى، 272 ىسىنىڭ داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا كوۋىد – 19 غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە رىياد، مەككە ۋە مەدىنە شەھەرلىرىنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرىنى تاقاشنى قارار قىلدى.

قازا قىلغانلار سانى 31 گە، يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانى 363 كە يەتكەن ئىراقتا، يۇقۇمدىن ساقلىنىش دائىرىسىدە يولغا قويۇلغان كوچىغا چىقىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسىنىڭ مۇددىتى يەنە 15 كۈن ئۇزارتىلدى.

تۇنىستا ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلار سانى 5 كە يەتتى، مىسىردا يۇقۇملانغۇچىلار سانى 456 گە، لىۋاندا 333 كە يەتتى.

ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىر رايونىدا ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان بىر كىشى قازا قىلدى؛ كوۋىد – 19 دىن يۇقۇملانغانلار سانى 11 گە يەتتى. ھىندىستان مىقياسىدا قازا قىلغانلار سانى 9غا، يۇقۇملانغانلار سانى 470 گە يەتتى.

39 ئادەمدە ۋىرۇس بايقالغان، 5 ئادەم ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغان باڭلادېشتا، باش مىنىستىر شەيخ ھەسىنا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خەلقتىن ئۆيلىرىدىن چىقماسلىقنى تەلەپ قىلدى.

فىلىپپىندا يۇقۇم سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانى 45 كە، يۇقۇملانغۇچىلار سانى 707 گە يەتتى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر پالاتا ئەزاسىنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

نېپالدا ھازىرغا قەدەر 3 كىشىدا كوۋىد – 19 ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقى، كۆپىنچىسى ياۋروپا، ئاۋستىرالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەدىن كەلگەن 160 ئەتراپىدا ساياھەتچىنىڭ تاغلىق رايونلاردا قاپسىلىپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ياپونىيە كوۋىد – 19 غا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە ھازىرچە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىشنى پىلانلىمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ياپونىيەدە ئالماس مەلىكە ساياھەت پاراخوتىدىكى كىشىلەرنى قوشقاندا جەمئىي  2025 يۇقۇملانغۇچىنىڭ بارلىقى، 55 ئادەمنىڭ ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

131 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقى، ئۆلۈم نىسبىتىنىڭ %1.42 ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن جەنۇبى كورېيەدە، يېڭىدىن 104 ئادەمدە يۇقۇم بايقالغانلىقى، يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ 9241 گە يەتكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

تۇنجى كىشىدە ۋىرۇس بايقالغان 20 – يانۋاردىن بۇيان 4144 كىشىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تەلتۈكۈس ئەسلىگە كەلگەنلىكى، بۇنىڭ ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ %44.8 ىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتى فېلىكس تشېسېكېدىنىڭ مەسلىھەتچىلىرىدىن جوسېف مۇكېندىنىڭ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئافرىقا دۆلىتى بۇركىنا فاسودا يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 146 گە يەتكەنلىكى، بۇلاردىن 10 كىشىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بىرى 8 ئايلىق بوۋاق بولۇپ جەمئىي 14 كىشىدە يۇقۇم بايقالغان ئۇگاندادا، ئاممىۋى قاتناشقا 14 كۈنلۈك چەكلىمە قويۇلدى.

ھازىرغىچە چەتتىن كەلگەن 2 كىشىدە يۇقۇم بايقالغان مالىدا، بۈگۈندىن باشلاپ كوچىغا چىقىشنى قىسمەن مەنئى قىلىش بۇيرۇقى ئېلان قىلىندى. قۇرۇقلۇق چېگرالىرى ئارقىلىق يولۇچىلارنىڭ كىرىشىگە چەكلىمە قويۇلغان مالىدا، يۇقۇم خەۋپىگە قارىماي يەكشەنبە كۈنىدىكى ئومۇمىي سايلامنىڭ تېگىشلىك تەدبىرلەر يولغا قويۇلغان ھالدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

كامېروندا يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 75 كە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ: #يۇقۇم , #ۋىرۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر