بوكو ھارامنىڭ قانلىق ھۇجۇملىرىدا 140 تىن ئارتۇق ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى

بوكو ھارام تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا ئافرىقا دۆلىتى چاد ۋە غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەدىكى ھۇجۇملىرىدا 140 تىن ئارتۇق ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1384793
بوكو ھارامنىڭ قانلىق ھۇجۇملىرىدا 140 تىن ئارتۇق ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوكو ھارام تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا ئافرىقا دۆلىتى چاد ئارمىيەسىگە قىلغان ھۇجۇمىدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 92 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلغان ، 47 ئەسكەر يارىلانغان.

چاد پرېزىدېنتى ئىدرىس دېبى ھۇجۇم يۈز بەرگەن جايدا بايانات بېرىپ، بوكو ھارام ئەزالىرىنىڭ چاد كۆلى ئۆلكىسىنىڭ بۇما شەھىرىدىكى ھەربىي قىسىمغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ كەم دېگەندە 5 سائەت داۋاملاشقانلىقىنى ئېيتتى.

ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 92 ئەسكەرنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە 47 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن پرېزىدېنت ئىدرىس دېبى، «بىز تۇنجى قېتىم مۇشۇنداق كۆپ ئادىمىمىزنى يوقىتىپ قويدۇق، بىزنىڭ بۇنىڭغا قايتۇرىدىغان ئىنكاسىمىز ئېغىر بولىدۇ» دېدى.

يەرلىك تاراتقۇلاردا، ھۇجۇم جەريانىدا ھاۋادىن ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن بىر ئايروپىلاننىڭ ئوق تەگكەندىن كېيىن قايتىپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

چاد ئارمىيەسى مەزكۇر رايوننىڭ پۈتۈنلەي كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بوكو ھارامنىڭ غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا قىلغان ھۇجۇمىدىمۇ 50 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلدى، كۆپ ساندا ئەسكەر يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر