خىتايدا چاشقاندىن ئىنسانغا يۇقۇدىغان يەنە بىر ۋىرۇس ئەندىشە ياراتماقتا

خىتايدا چاشقاندىن ئىنسانغا يۇقۇدىغان خەنتا ۋىرۇسى «Hantavirus» بايقالغان بىر كىشىنىڭ ئۆلۈمى،  يېڭى تىپتىكى  ۋىرۇسى (Kovid-19)  ئاپىتى يۈز بەرگەندەك  يەنە بىر يېڭى ۋىرۇش ئاپىتى يۈز بېرىش خەۋپى ياراتتى

1384200
خىتايدا چاشقاندىن ئىنسانغا يۇقۇدىغان يەنە بىر ۋىرۇس ئەندىشە ياراتماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ رەسمىي مېدىيا ئورگىنى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ غەربىدىكى يۈننەن ئۆلكىسىدە بايقالغان خەنتا ۋىرۇسى «Hantavirus» سەۋەبىدىن بىر كىشى  شەندۇڭ ئۆلكىسىدە ساياھەت قىلىۋاتقان پەيتتە ئاپتوبۇستا ئۆلگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئاپتوبۇستىكى 31 كىشىمۇ ۋىرۇس سېنىقىدىن  ئۆتكۈزۈلگەن.

«يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن كېيىن ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يېڭى يۇقۇملىنىش ئاپىتى يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە تۋىتتېردا «خەنتا ۋىرۇس» بەلگىسى بىلەن ئورتاقلىشىلغان ئۇچۇرلار ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقتى.

چاشقان ياكى چاشقان سۈيدۈكى، چاشقان شۆلگىيى ياكى چوڭ تەرىتى تېگىپ كېتىش ئارقىلىق ئىنسانلارغا يۇقۇدىغان خەنتا ۋىرۇسى «Hantavirus» نىڭ، «ئۆپكە ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى» (HPS) دەپ ئاتىلىدىغان كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى، بىراق ئىنساندىن ئىنسانغا يۇقمايدىغان بولغاچقا يۇقۇملۇق ئاپەت ياراتمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر