ب د ت يەر شارى خاراكتېرلىك ئۇرۇش توختىتىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە يەر شارى خاراكتېرلىك ئۇرۇش توختىتىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى.

1384031
ب د ت يەر شارى خاراكتېرلىك ئۇرۇش توختىتىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتتېررېس، ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش مەقسىتىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇداپىئەسىز ھالەتتىكى رايونلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كارىدورلىرىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن يەر شارى خاراكتېرلىك ئۇرۇش توختىتىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولۇپ مۇنداق دېدى: «پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولغان <ۋۇخەن ۋىرۇسى> نىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان بولۇشىغا قارىماي،  قوراللىق توقۇنۇشلار ۋە ئۇرۇشلار  ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتىدۇ. سەھىيە سىستېمىلىرى ۋەيران بولۇۋاتقان، سەھىيە خادىملىرى نىشان قىلىنىۋاتقان ئۇرۇش رايونلىرىدا مۇداپىئەسىز ھالەتتىكى ۋە يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشىلەر بىلەن كۆچمەنلەر <ۋۇخەن ۋىرۇسى> نىڭ تەھدىتىگە ئىككى ھەسسە ئارتۇق دۇچ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى بولۇڭ پۇچقاقلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشلارغا خاتىمە بېرىشكە چاقىرىمەن. چۈنكى، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كارىدورلىرىنى شەكىللەندۈرگىلى، ئۇرۇش كېسەللىكىگە خاتىمە بېرىپ، <ۋۇخەن ۋىرۇسى> غا قارشا كۈرەشنى كەڭ قانات يايدۇرغىلى بولىدۇ. دەرۋەقە، بۇنىڭغا ئىنسانىيەتنىڭ ھەردائىمقىدىن بەكرەك ئېھتىياجى باردۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر