ترامپ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىغا خىتاينىڭ سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، كوۋىد – 19 يۇقۇمى مەسىلىسدە خىتاينى ئەيىبلىدى.

1381867
ترامپ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىغا خىتاينىڭ سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش ۋەزىپە كۈچىنىڭ خىزمەتلىرى، ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇمغا قارشى يولغا قويغان يېڭى چارە – تەدبىرلىرى توغرىسىدا توختالدى.

ھۆكۈمىتىنىڭ كېچە – كۈندۈز دېمەستىن ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ترامپ، ئىقتىسادىي ياردەم پىلانلىرىدىن تارتىپ ۋاكسېنا ئىشلەپچىقىرىشقىچە بولغان بارلىق ساھەلەرگە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ نۆۋەتتە پۈتكۈل دۇنياغا تارقالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ترامپ، بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى تۇنجى بولۇپ خىتايدا ئوتتۇرىغا چىققان چېغىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېگىشلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە «خىتاي ۋىرۇسىنى مەنبەسى (ئۇۋىسى)دە توختىتىپ قالغىلى بولاتتى. خىتاي ئەڭ باشتا دۇنيانى ۋاقىپلاندۇرغان بولسا ئىدى، بۇ يۇقۇمنى بۇنىڭدىن بۇرۇنلا توختىتىش مۇمكىن ئىدى» دېدى.

ئۇ يەنە، «ھەممىدىن ئاۋۋال خىتايدىن كەلگەن كىشىلەرگە چەكلىمە قويۇلۇشى توغرىسىدا چاقىرىق قىلدىم، ئەمما مېدىيا مېنى دەرھال ئىرقچى (دەپ) ئېلان قىلدى. ھالبۇكى، شۇ چاغدا بۇ ئىشنى قىلالايتتۇق» دېگەنلەرنى قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر