ئىسپانىيەدە نۇرغۇن ئادەم «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتتى

ئىسپانىيەدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 767 گە يەتتى.

1381438
ئىسپانىيەدە نۇرغۇن ئادەم «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى ساغلاملىق مۇلازىمىتى ۋە ئاگاھلاندۇرۇش - ماسلاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى فېرناندو سىمون، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس سەۋەبىدىن 169 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى،  3500 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 17147 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، پايتەخت مادرىدتا ۋىرۇسنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان498 كىشى قازا قىلغان بولۇپ، يۇقۇملانغانلار سانى 6777 گە يېتىدىكەن ، 939 بىمار جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە ياتماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر