ئىراندا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1284 كە يەتتى

ئىراندا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1284 كە،  يۇقۇملانغانلار سانى 17 مىڭ 361 گە يەتتى.

1381335
ئىراندا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1284 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرق ئەللىرىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلىۋاتقانلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.

ئالدىنقى يىلى  دېكابىردا ئوتتۇرىغا چىققاندىن ۋە 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يۇقۇملانغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 9  مىڭغا يېقىنلاشتى.

ئىراندا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1284 كە،  يۇقۇملانغانلار سانى 17 مىڭ 361 گە يەتتى.

ئىران سەھىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كىيانۇش جىھانپۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىراندا ھەر 10 مىنۇتتا بىر ئادەم «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتمەكتە ئىكەن.

ئۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «دۆلىتىمىزدە ھەر 10 مىنۇتتا بىر كىشى <ۋۇخەن ۋىرۇسى> سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ، ھەر بىر سائەتتە 50 كىشى <ۋۇخەن ۋىرۇسى> بىلەن يقۇملىنىۋاتىدۇ.

پەلەستىن باش مىنىستىرى مۇھەممەد ئىشتىييە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى بەيتۇللەھمە شەھىرىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 44 كە يەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

يۇقۇملانغانلار سانى 113 كە يەتكەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە پۇقرالارنىڭ چەت ئەلگە چىقىشى مەنئىي قىلىندى.

قاتاردا 452، كۇۋەيتتە 142، سەئۇدى ئەرەبىستاندا 67، ئىيوردانىيەدە 56، ئۇمماندا 39 كىشى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملاندى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 529 غا يەتكەن ئىسرائىلىيەدە پىرېزىدېنت رېئۇۋېن رىۋلىن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشا كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىسرائىلىيە چەت ئەللىكلەرنىڭ دۆلەتكە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى، بۇ چەكلىمىنىڭ ئىسرائىلىيەدە ياشاۋاتقان چەت ئەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىىنى جاكارلىدى.

دۆلەتتە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشا كۈرەش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە بارلىق مەكتەپلەر تاقالغان بولۇشىغا قارىماي، ئۇلترا – ئورتودوكوس (ھارېدى) يەھۇدىيلىرىنىڭ مەكتەپلىرى (يېشىۋا) نىڭ تاقالماسلىقى نارازىلىق قوزغىماقتا.

ئۇكرائىنادا پارلامېنت ئەزاسى شاھوۋنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى، پايتەىت كىيېۋ رايونىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 147 گە يەتكەن رۇسىيەدە، باش مىنىستىر مىخائىل مىشۇستىن، ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە ئەنگلىيەگە ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ دۆلەتتە چسىرتقا چىقىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا دۆلىتى بۇركىنا فاسودا يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (Kovid-19) سەۋەبىدىن تۇنجى قېتىم ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بېلارۇسىيەدە 51،  ئۆزبېكىستاندا 15، قازاقىستاندا 36 كىشى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملاندى.

قازاقىستاننىڭ پايتەختى نۇرسۇلتان ۋە ئالمۇتادا يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسى (كوۋىد -19) سەۋەبىدىن كارانتىن قىلىش باشلاندى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئافرىقا قىتئەسى مىقياسىدا يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس سەۋەبىدىن 17 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

نىگېرىيەدىمۇ ۋىرۇس سەۋەبىدىن بارلىق پۇتبول پائالىيەتلىرى بىر ئاي توختىتىلدى.

مالايشىيانىڭ سابىق باش مىنىستىرى ماخاتىر مۇھەممەد يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (Kovid-19) بىلەن يۇقۇملانغان بولۇش ئېھتىماللىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆيىدە كارانتىن قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر