ۋۇخەن ۋىرۇسى ئىراندا ھەر ئون مىنۇتتا بىر ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولماقتا

ئىران سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كىيانۇش جىھانپۇر، ئىراندا ھەر 10 مىنۇتتا بىر ئادەمنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن قازا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1381081
ۋۇخەن ۋىرۇسى ئىراندا ھەر ئون مىنۇتتا بىر ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جىھانپۇر تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق مەلۇمات بېرىپ: «ئىراندا ھەر 10 مىنۇتتا بىر ئادەم تاجىسىمان ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلماقتا. ھەر سائەتتە تەخمىنەن 50 ئادەم ۋۇخەن ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالماقتا» دېدى.

ئۇ، ئاممىنى نورۇز بايرىمى جەريانىدا ساياھەت قىلماسلىق ۋە ئۆزئارا يوقلاشماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

پايتەخت تېھراندىكى شۇھەدائى پاكدەشت دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى شىرىن رۇھانىراد ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلدى.

ئىراندا كوۋىد - 19 پەيدا بولغاندىن بۇيان 10 دوختۇر بىلەن 4 سېستىرا ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىپ قازا قىلدى.

خىتايدا پەيدا بولغان كوۋىد - 19 تۇنجى قېتىم 19- فېۋرالدا ئىراننىڭ قۇم شەھىرىدە بايقالغان، ئارقىدىن پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالغانىدى.

ئىران سەھىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈنگە قەدەر ، كوۋىد - 19 سەۋەبىدىن قازا قىلغانلار سانىنىڭ 1135 كە ، يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 17 مىڭ 361 يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.


خەتكۈچ: #ۋىرۇس , #ئىران

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر