كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى گىرېتسىيەنى ئەيىبلىدى

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تۈركىيەنى قولاپ، گىرېتسىيەنى تەنقىد قىلىپ دوكلات ئېلان قىلدى.

1381307
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى گىرېتسىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەشكىلات تەرىپىدىن ئەنقەرەنىڭ كۆچمەنلەر ئۈچۈن چېگرا ئېغىزلىرىنى ئېچىشىدىن كېيىن،  تۈركىيە – گىرېتسىيە  چېگرا لىنىيەسىدە يۈز بەرگەن سۈركىلىش  ھەققىدە ئېلان قىلىنغان  دوكلاتتا، تۈركىيەنى ھەمىشە تەنقىد قىلىپ ۋە ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان گىرېتسىيەنىڭ كۆچمەنلەرگە زوراۋانلىق قىلغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ۋە نامەلۇم كىشىلەر چېگرا ئېغىزلىرىدا كۆچمەنلەرنى تۇتقۇن قىلدى، جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق قىلدى، بۇلاپ تالىدى ۋە تۈركىيەگە قايتۇرۇۋەتتى.»

 يەنە بىر تەرەپتىن، ياۋروپاغا ئۆتۈپ كېتىش مەقسىتىدە چېگرا ئېغىزلىرىدا كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان كۆچمەنلەرگە گىرېتسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تۈنۈگۈن ياش ئاققۇزۇش بومبىلىرى ئارقىلىق مۇداخىلە قىلدى.

ئورمانلىقتا توپلانغان كۆچمەنلەر بىردىنلا «ئاردا دەرياسى» قىرغاقلىرىدىن گىرېتسىيە چېگراسىغا قاراپ ئاتلاندى. مىڭلارچە كۆچمەننى كۆرگەن گىرېتسىيە ئەسكەرلىرى ھاۋاغا ئوق ئېتىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى ۋە كۆچمەنلەرگە گاز بومبىسى ئاتتى. كۆپ ساندا كۆچمەن گاز بومبىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر