ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ شەرق ئەللىرىدىكى ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار

يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ئىراندا 988 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

1380250
ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ شەرق ئەللىرىدىكى ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 12 - ئايدىن باشلاپ دۇنيادا تەخمىنەن 183 مىڭ كىشىگە تارقىغان يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ئىراندا 988 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. ئىران پەن – تېخنىكا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن پىرېزىدېنت سورېنا سەتتارى كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسغا دىئاگنوز قويۇش زاپچىسى ئىشلەپچىقىرىشنى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئەزەربەيجاندا يېڭى 6 يۇقۇملانغۇچىنى قوشقاندا ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچى سانى 34 كە چىقتى. ئەزەربەيجاندا ئىلگىرى بىر ئادەم ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغان ئىدى. ئەزەربەيجاندا يۇقۇملانغۇچىلار كۆپەيگەندىن كېيىن، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەسچىتلەرنىڭ ۋاقىتلىق تاقالغانلىقى ئېلان قىلىندى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندىمۇ يۇقۇملانغۇچى سانى 133 بولۇپ، ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە، كەبە ۋە مەسجىدى نەبەۋىدىن باشقا مەسچىتلەردە، جۈمە نامىزى قاتارلىق جامائەت نامازلىرى قىلىنمايدىغان بولدى.

ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد -19) سەۋەبىدىن بارلىق چەتئەل پۇقرالىرى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان ۋىزىسىز ساياھەت بەلگىلىمىسىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھىندونېزىيەدە ھازىرغا قەدەر 5 ئادەم ۋىرۇس سەۋەبىدىن قازا قىلغان بولۇپ، سەھىيە مىنىستىرلىقى يېڭى بايقالغان 38 يۇقۇملانغۇچىنى قوشقاندا، ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 172 گە كۆپەيگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ھىندىستاندا 126 يۇقۇملانغۇچى بايقالدى ۋە 3 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن قازا قىلدى.

نىگېرىيەدە يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى 3 كىشىدە بايقالغانلىقى ئېلان قىلىنىپ، ئارىدىن بىر قانچە سائەت ئۆتمەيلا، پايتەخت ئابۇجەدىكى دوختۇرلار مائاشلىرى تارقىتىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن مۇددەتسىز ئىش تاشلاش نامايىشى ئۆتكۈزۈش قارارىنى جاكارلىدى.

قىرغىزىستاندا يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى تۇنجى قېتىم بايقالدى. يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغان بىمارلار تۇرۇۋاتقان جەلالئاباد رايونىنىڭ سۇزاك ناھىيەسىگە كىرىش-چىقىش چەكلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر