ۋىرۇس دۇنيا مىقياسىدا 7 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

2019 – يىلى دېكابىردا ئوتتۇرىغا ۋۇخەن ۋىرۇسى دۇنيا مىقياسىدا 7 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى...

1379304
ۋىرۇس دۇنيا مىقياسىدا 7 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2019 – يىلى دېكابىردا ئوتتۇرىغا چىقىپ دۇنيا مىقياسىدا ھازىرغىچە 7 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19)، تۇنجى باش كۆتۈرگەن دۆلەت خىتايدا 3212 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

قازا قىلغانلار سانى 853 كە يەتكەن ئىراندا، ۋىرۇس يۇقتۇرۇۋالغانلار سانى 15 مىڭغا يېقىنلاشتى.

رۇسىيەدە كوۋىد-19 ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغانلار سانى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 30 ئادەم كۆپىيىپ جەمئىي 93 كە يەتتى. رۇسىيە 1 – مارتقىچە چەت ئەللىكلەرنىڭ رۇسىيە تەۋەلىكىگە كىرىشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن لىبېرىيە بىلەن بېنىندا تۇنجى ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد-19) بىمارلىرى بايقالدى. بۇنىڭ بىلەن، ئافرىقا قىتئەسىدىكى كوۋىد-19 ۋىرۇسى بايقالغان دۆلەت سانى 30 غا يەتتى. ۋىرىس سەۋەبىدىن ئافرىقا قىتئەسىدىكى مسىىردا 2، ئالجىرىيەدە 4، ماراكەشتە 1 ۋە سۇداندا 1 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر