تۈركىيە بىلەن گىرۇزىيە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۆزئارا چېگرا تاقايدىغان بولدى
تۈركىيە بىلەن گىرۇزىيە بۈگۈندىن باشلاپ ۋاقىتلىق ھالدا ئۆزئارا سارپ چېگرا ئېغىزىنى يولۇچىلارغا تاقايدىغان بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە بىلەن گىرۇزىيە ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇملۇق ئاپىتىگە قارشى يولغا قويغان تەدبىرلەر دائىرىسىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەۋجۇت 3 چېگرا ئېغىزىدىن بىرسى بولغان سىارپ - سارپى چېگرا ئېغىزىنى ھەر ئىككى تەرەپ بىرلىكتە يولۇچىلارغا تاقاش قارارى ماقۇللىغان. بىراق سارپ - سارپى چېگرا ئېغىزىدا يۈك تىرانسپورتىغا ھېچقانداق چەكلىمە قويۇلمىغان.
تۈركگۆزى – ۋالە ۋە ئاقتاش - كارتشاخى قاتارلىق 2 چېگرا ئېغىزلىرىدا بولسا، يولۇچىلار مەۋجۇت بەلگىلىمىلەر دائىرىسىدە، كىرىپ - چىقىشنى داۋاملاشتۇرىشى قارار قىلىندى.
بۇ تەدبىرلەر، 15 – مارتتا، تۈركىيە ۋاقتى سائەت 17:00 ۋە گىرۇزىيە ۋاقتى سائەت 18:00 دىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
بۇ بەلگىلىمىلەر تۈركىيە ۋە گىرۇزىيە پۇقرالىرىدىن باشقا ئۈچىنچى دۆلەت پۇقرالىرىغىمۇ ئوخشاش شەكىلدە ئىجرا قىلىنىدۇ.