خىتاي «ۋۇخەن ۋىرۇسى» مەسىلىسىدە ئامېرىكانى ئەيىبلىدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن ئامېرىكانى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نى خىتايغا يۇقتۇرۇپ قويۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

1377610
خىتاي «ۋۇخەن ۋىرۇسى» مەسىلىسىدە ئامېرىكانى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 3 مىڭ 179 غا، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 7 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 8 گە يەتتى.

بۇ ئارىلىقتا،  خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ دىرېكتورى روبېرت رېدفىئېلنىڭ كۆرۈنۈشلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن بىر ۋىدېيونى ھەمبەھرلەشتى، ھەمدە رېدفىئېلنىڭ ئىلگىرى زۇكامدىن ئۆلگەن بەزى ئامېرىكا پۇقرالىرىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بايقالغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئامېرىكادا ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئۇنداقدا، تۇنجى بىمار ئامېرىكادا بۇ ۋىرۇس بىلەن قاچان  ۋە قانداق يۇقۇملانغان، قايسى دوختۇرخانىلار ئىشلىتىلگەن؟ دەپ سوراشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ۋىرۇسنى ۋۇخەنگە ئامېرىكا ئارمىيەسى كەلتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ ھەقتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىزگە ئىزاھات بېرىش مەجبۇرىيىتى بار.»

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف،  Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۆلەتتە ھازىرغىچە 429 كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى  تۇرۇش ئۈچۈن ساقلىقنى ساقلاش مەركەزلىرى، زاپچاسلار ۋە  ئېنىقلاپ چىقىش  ئۈسكۈنىلىرىگە ئېھتىياج بارلىقىنى تەكىتلەپ، بارلىق دۆلەتلەرنى ئىرانغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى.

ئىراندا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دىنىي رەھبەر ئەلى ھامانېينىڭ مەسلىھەتچىسىنىڭمۇ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇ جەرياندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا چىقىدىغان «‹ Washington Post› گېزىتى»،  ئىراننىڭ قۇم شەھىرىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەر كۆمۈلگەن ئاممىۋى مازارلارغا ئائىت سۇنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتتى، ھەمدە ئىراننىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلەر سانىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىراق سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىراق كورد (كۈرت) رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل دۆلەت مىقياسىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 8 ، ساقىيىپ بالنېستىن چىققانلار سانىنىڭ 24 ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

كۇۋەيت سەھىيە مىنىستىرلىقى دۆلەتتە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 80 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 62 گە يەتكەنلىكى، بىر كىشىنىڭ ساقىيىپ بالنېستىن چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھازىرغىچە  «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 3 كىشى ئۆلگەن لىۋاندا، يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 73 كە يەتكەنلىكى جاكارلاندى.

جەنۇبىي ئافرىقا دۆلىتى گابوندا تۇنجى قېتىم «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئافرىقا قىتئەسىدە گابوندىن سىرت يەنە، پىل چىشى قىرغىقى، گانا، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، بۇركىنا فاسو، مىسىر، ئالجىرىيە، نىگېرىيە، سېنېگال، كامېرون، تۇنىس، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە ماراكەش قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى. ئافرىقا قىتئىسىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى»  سەۋەبىدىن ھازىرغىچە 3 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر