ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ئىراقتىكى بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 3 ئەسكەر ئۆلدى

ئىراقتا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تۇرۇۋاتقان تاجى ھەربىي بازىسى كاتيۇشا ناملىق راكېتامىيوت ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ 3 ئەسكىرى ئۆلدى، 12 ئەسكىرى يارىلاندى.

1376683
ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ئىراقتىكى بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 3 ئەسكەر ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسى،  ئىراقتىكى ئىتتىپاقداش قىسىملار تۇرۇشلۇق تاجى ھەربىي بازىسىنىڭ راكېتامىيوت ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ۋەقەدە 3 ئەسكەرنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ، 12 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، « ئىتتىپاقداش قىسىمنىڭ 3 خادىمى 11-مارت تاجى لاگېرىغا قىلىنغان راكېتامىيوت ھۇجۇمىدا قازا قىلدى، 12 خادىم يارىلاندى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى ۋە ئامېرىكا بىلەن ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمنى تەكشۈرۈشنى باشلىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىگىلىنىشچە ، بۇ ھۇجۇم 18 دانە 107 مىللىمېتىرلىق كاتيۇشا ناملىق راكېتامىيوت بىلەن قىلىنغان بولۇپ ، ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرى راكېتا قويۇپ بېرىلگەن ئاپتوموبىلنى تاجى لاگېرىغا نەچچە ئىنگلىز مىلى كېلىدىغان يىراقلىقتىن تاپقانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر