ئەشرەف غېنى 1500 تالىبان ئەزاسىنى قاماقتىن بوشىتىش توغرىسىدا قارارنامە ماقۇللىدى

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى، ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن، قاماقتىكى 5 مىڭ تالىبان ئەزاسىنى قويۇپ بېرىشكە قارار قىلدى.

1376458
ئەشرەف غېنى 1500 تالىبان ئەزاسىنى قاماقتىن بوشىتىش توغرىسىدا قارارنامە ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات بېرىپ، 14- مارتتىن باشلاپ 1500 تالىبان ئەزاسىنىڭ قاماقتىن بوشىتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئافغانلارئارا سۆھبەتلەرنىڭ باشلىنىشى بىلەن تەڭ ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم 500 دىن بولۇپ قالغان 3500 مەھبۇس قويۇپ بېرىلىدۇ.

باياناتتا، غېنىنىڭ بۇ قارارنامەنى سۆھبەتلەرنىڭ يولىنى داغداملاشتۇرۇش ۋە ياخشى نىيەتنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈرۈلدى.

ئىككىنچى باسقۇچتا قويۇپ بېرىلىدىغان مەھبۇسلار ئۈچۈن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازىيىشىنىڭ ئىكەنلىكى قەيت قىلىغان باياناتتا، قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ قايتىدىن ئۇرۇشقا ئىشتىراك قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا يازما ئەھدىنامە ئېلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

تالىباننىڭ قاتاردىكى ئىشخانىسى باياناتچىسى سۇھەيل شاھىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، ئامېرىكا – تالىبان كېلىشىمى دائىرىسىدە قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ تىزىملىكىنى ئامېرىكا تەرەپكە سۇنغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر