چىلىدا بۇلاڭچىلار ئايرودۇرۇمدىن 15 مىليون دوللارنى بۇلاپ كەتتى

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى چىلىدىكى ئايرودۇرۇمنىڭ يۈك بۆلۈمىدىن تەخمىنەن 15 مىليون دوللار بۇلاپ كېتىلدى.

1375473
چىلىدا بۇلاڭچىلار ئايرودۇرۇمدىن 15 مىليون دوللارنى بۇلاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چىلى مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇلاڭچىلار سانتىياگودىكى ئارتۇرو مېرىنو بېنىتېز ئايرودۇرۇمىنىڭ يۈك بۆلۈمىگە يۈك ماشىنىسىنىڭ بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن ئاپتوموبىل بىلەن كىرىپ، تەخمىنەن 15 مىليون دوللارنى ئوغرىلاپ كەتكەن.

دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، 7 كىشى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بۇ قوراللىق بۇلاڭچىلىق جەريانىدا، 2 ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى يىنىك يارىلانغان.

ئالاقىدار تارماقلار ئوغرىلانغان پۇلنىڭ بۇلاڭچىلىقتىن بىر قانچە سائەت بۇرۇن چەت ئەلدىن ئايرودۇرۇمغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى ۋە ئايرودۇرۇمدا بىرونېۋىك ماشىنا بىلەن يۆتكىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان پەيتتە ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

چىلىدا 2014 - يىلىمۇ ئوخشاش ئايرودۇرۇمدا يۈز بەرگەن بۇلاڭچىلىق ۋەقەسىدە، 10 مىليون دوللار ئوغرىلاپ كېتىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر