پاكىستاندا تالىبانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى

پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى پاكىستان تالىبانلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت جەريانىدا بىر پولكوۋنىك قازا قىلدى، 2 تېرورچى ئۆلتۈرۈلدى.

1374892
پاكىستاندا تالىبانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ئارمىيەسى ئېلان قىلغان باياناتتا، دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تانك رايونىدا تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، رايوننى بىخەتەرلىك چەمبىرىكىگە ئەلغان ئەسكەرلەرگە تېررورچىلارنىڭ ئوق چىقارغانلىقى قەيت قىلىندى.

ھەرىكەتتە بىر پولكوۋنىكنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە 2 تېرورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى. پاناھجايلارغا يوشۇرۇنغان نۇرغۇن قورال ۋە ئوق - دورىلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

پاكىستان تالىبانلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە، 2014 - يىلدىن بۇيان 5000 دىن ئارتۇق تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلغان بولۇپ، ھاۋا ھۇجۇمى، توقۇنۇش ۋە مىنا پارتىلاش نەتىجىسىدە، جەمئىي 700 ئەسكەر قازا قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر