گېرمانىيە گىرېتسىيەدىكى ئۆسمۈر كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىدىغان بولدى

گېرمانىيە گىرېتسىيەگە ياردەم سۈپىتىدە، 1500 غا يېقىن پاناھلانغۇچى كىچىك بالىنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلدى.

1374874
گېرمانىيە گىرېتسىيەدىكى ئۆسمۈر كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە گىرېتسىيەدىكى لاگېرلاردا تۇرۇۋاتقان، بولۇپمۇ قوغداشقا موھتاج پاناھلانغۇچى ئۆسمۈرلەرنى قوبۇل قىلىدىغان بولدى.

گېرمانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى (DPA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قارارنىڭ باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېلنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ھۆكۈمەتنى تەشكىللىگەن پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئارا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا ماقۇللانغان.

قاراردا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا «خالىسلار بىرلەشمىسى» قۇرۇلۇشى تەلەپ قىلىنغانلىقى؛ بۇ دائىرىدە، گېرمانىيەنىڭ مەلۇم ساندا پاناھلانغۇچى بالىلارنى قوبۇل قىلالايدىغانلىقى تەكىتلەندى.

گېرمانىيەنىڭ گىرېتسىيە ئاراللىرىدا يۈز بەرگەن ئىنسانىيەتكە خىلاپ ۋەزىيەت سەۋەبىدىن 1000-1500 ئەتراپىدا كىچىك بالىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق گىرېتسىيەگە ياردەم قىلماقچى بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن خەۋەردە، مەزكۇر بالىلار ئارىسىدىن جىددىي داۋالاشقا ئېھتىياجلىق بىمارلار ياكى 14 ياشتىن كىچىك ئىگە – چاقىسىزلارنىڭ تاللىنىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

خىرىستىيان دېموكراتىك ئىتتىپاق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى ئاننېگرېت كرامپ-كاررېنباۋېر گېرمانىيە رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ھەقتە توختىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ گىرېتسىيەدىكى مۇساپىر بالىلارنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن «خالىسلار بىرلەشمىسى» گە قوشۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كرامپ-كاررېنباۋېر فىرانسىيەدىنمۇ شۇنداق بىر ئىما كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «خالىسلار بىرلەشمىسى» نىڭ ئىككىدىن ئارتۇق دۆلەتتىن تەركىپ تاپىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنىمۇ قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر