خىتايدا كارانتىن مەركىزى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن 5 قەۋەتلىك مېھمانخانا ئۆرۈلۈپ چۈشتى

خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى فۇجىيەن ئۆلكىسىدە، يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) بىلەن يۇقۇملانغانلار كارانتىناغا ئېلىنغان 5 قەۋەتلىك مېھمانخانا ئۆرۈلۈپ چۈشتى.

1374020
خىتايدا كارانتىن مەركىزى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن 5 قەۋەتلىك مېھمانخانا ئۆرۈلۈپ چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چۈەنچو شەھىرىدىكى شىنجىيا «Express Hotel» مېھمانخانىسى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن چاغدا، مېھمانخانىدا 70 ئەتراپىدا ئادەم بارلىقى ۋە بۇلاردىن 43 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئۆلگەنلەر ۋە يارىدار بولغانلار ھەققىدە تېخىچە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

ئىگىلىنىشچە، بۇ مېھمانساراي 17 - فېۋرالدىن باشلاپ چىكاڭ ۋە خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ بەزى رايونلىرىدىن شەھەرگە كەلگەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەر ئۈچۈن يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كارانتىن مەركىزى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن.

دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشۈش جەريانىدا پارتىلاش ئاۋازلىرى ئاڭلانغان.

مېھمانخانىنىڭ تۈۋرۈكلىرى بىنانىڭ ئېغىرلىقىنى كۆتۈرەلمگەنلىكىمۇ تەخمىن قىلىنماقتا.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر