غەززە شەھەر مەركىزىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى
پەلەستىننىڭ غەززە شەھەر مەركىزىدە مەيدانغا كەلگەن ئوت ئاپىتىدە 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
1373570
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەززە شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان «نۇسەيرات مۇساپىرلار لاگېرى» رايونىدىكى بىر بازاردا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 3 ئايال بىلەن قوشۇلۇپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 14 ى ئېغىر 57 كىشى يارىلانغان.
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەبىئىي گاز ئېقىپ كېتىش نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن ۋە ئېغىر زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوت ئاپىتى كونتىرول ئاستىغا ئېلىنغان.