خىتايدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى  3 مىڭدىن دىن ئېشىپ كەتتى

خىتايدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 3 مىڭ 14 كە يەتتى.

1372187
خىتايدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى  3 مىڭدىن دىن ئېشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي سەھىيە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەتتە يېقىنقى 24 سائەت  ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 31 گە، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 139 غا يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن، خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئىككى كىشىنى قوشقاندا، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ئۆلگەنكەرنىڭ سانى 3 مىڭ 14 كە، قۇيۇملىنىش بىلەن گۇمان قىلىنىۋاتقانلارنىڭ سانى 522 گە، نازارەت ئاستىدا تۇتۇلۇۋاتقانلارنىڭ سانى 32 مىڭ 870 كە يەتكەن، 52 مىڭ 45  كىشى ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش كۆرۈلگەندىن كېيىن بالنىستىن چىققان.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» خۇبېي ئۆلكىسىگە قاراشلىق ۋۇخەن شەھىرىدە 12 – دېكابىر كۈنى  ئوتتۇرىغا چىقىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشقا شەھەرلەر ۋە دۆلەتلەرگە تارقاپ كەتكەندىن كېيىن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر