ئافرىقادىكى ماراكەشتىمۇ ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە كۆرۈلدى

ماراكەش سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىتالىيەدىن قايتقان بىر كىشىدە، ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى بىلدۈردى.

1371329
ئافرىقادىكى ماراكەشتىمۇ ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماراكەش سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىتالىيەدىن قايتقان بىر كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بايقىلىشى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ بىلەن ئايروپىلاندا بىللە قايتقان بارلىق 104 كىشىنىڭ كارانتىن قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىران سەھىيە مىنىستىرلىقى ھازىرغىچە 2336 كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، 77 كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 435 كىشىنىڭ داۋالىنىپ دوختۇرىانىدىن چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

جەنۇبىي كورېيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك 600 كۆپ يېڭى ۋەقە كۆرۈلدى. ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 5196 گە، جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 28 گە چىقتى.

رۇسىيەدە بولسا، موسكۋا شەھەر باشلىقى سېرگېي سوبيانىن (Sergey Sobyanin) 24 كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا كۆزىتىش ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بارلىق مەكتەپلەرنى تۆت ھەپتىلىك دەم ئېلىشقا قويۇپ بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر