ئەدىرنەدىكى كۆچمەن بالىلار «چېگرانى ئېچىڭلار» دەپ چاقىرىق ئېلان قىلدى

ياۋروپاغا بارماقچى بولغان مىڭلىغان قانۇنسىز كۆچمەنلەر گرېتسىيە چېگراسىدىكى مېرىچ دەرياسى ۋە قۇرۇقلۇق لىنىيىسىنى كېسىپ ئۆتۈشكە تىرىشماقتا.

1371765
ئەدىرنەدىكى كۆچمەن بالىلار «چېگرانى ئېچىڭلار» دەپ چاقىرىق ئېلان قىلدى
edirne gocmen cocuklar.jpg
edirne gocmen cocuklar1.jpg
edirne gocmen cocuklar2.jpg
edirne gocmen cocuklar3.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە - گىرېتسىيە چېگراسىغا جايلاشقان دويران يېزىسىدا چېگرانىڭ ئېچىلىشىنى كۈتىۋاتقان ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرى، چېگرانى ئايرىپ تۈرىدىغان مەرىچ دەرياسىغا قاراپ پىيادە يۈردى ۋە قوللىرىدا تۈركچە، ئىنگىلىزچە، ئەرەبچە «چېگرانى ئېچىڭلار!»  دەپ يېزىلغان لوزىنكىلارنى ئاچتى.  

ئافغانىستانلىق 9 ياشلىق ئەسما يۈسۈفى ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ئارزۇسىنىڭ ياۋروپاغا ئۆتۈش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

يۈسۈفى ئۇلارنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ قىيىن شارائىتلىرى تۈپەيلىدىن يوللارغا چۈشكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، «بىزمۇ ئىنسان، بىز پەقەت ياۋروپاغا بېرىشنى خالايمىز، ئەگەر يامان ئەھۋالغا قالغانلار ئۇلار بولغان بولسا ئىدى، بىز ئۇلارغا ياردەم قىلغان بولاتتۇق» دېدى.

پاكىستانلىق 11 ياشلىق مۇھەممەد شەرىفى ئۆزلىرىنىڭ قىيىن شارائىتتا چېگرادىن ئۆتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۇرۇپ، «كېچىلەر بەك سوغۇق بولغاچقا ئۇخلىيالمايۋاتىمىز، ھەممىمىز قورقىمىز، چېگرالار ئېچىلسۇن! بىز ياۋروپاغا بېرىشنىلا خالايمىز» دېدى.

سۈرىيەلىك 11 ياشلىق مۇستاپا ئەل مۇھەممەدمۇ گىرېتسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇلارغا زوراۋانلىق قىلغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر