خىتايدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2 مىڭ 900 دىن ئېشىپ كەتتى

خىتايدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 945 كە يەتتى.

1370837
خىتايدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2 مىڭ 900 دىن ئېشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي سەھىيە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەتتە يېقىنقى 24 سائەت  ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 31 گە، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 125 كە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن، دۆلەت مىقياسىدا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن ئۆلگەنكەرنىڭ سانى  2 مىڭ 945 كە، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى بولسا 47 مىڭ 204 كە يەتكەن.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» خۇبېي ئۆلكىسىگە قاراشلىق ۋۇخەن شەھىرىدە 12 – دېكابىر كۈنى  ئوتتۇرىغا چىقىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشقا شەھەرلەر ۋە دۆلەتلەرگە تارقاپ كەتكەندىن كېيىن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر