دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئىرانغا مۇتەخەسىسلەر ھەيئىتى ئەۋەتتى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، 66 ئادەم ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى – كوۋىد – 19) دىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەن ئىرانغا مۇتەخەسسىسلەر ھەيئىتى ئەۋەتتى.

1371132
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئىرانغا مۇتەخەسىسلەر ھەيئىتى ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يازما باياناتىدا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئىراننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسقا قارشى كۈرىشىگە ھەمدەم بولۇش مەقسىتىدە پايتەخت تېھرانغا يېتىپ بارغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، مۇتەخەسسىسلەر ھەيئىتىنىڭ ئىران سەھىيە تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقى، بىر قىسىم سەھىيە ئورۇنلىرى ۋە تەجرىبىخانىلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئىران ئەمەلدارلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

باياناتتا، ئافغانىستان، كانادا، لىۋان، پاكىستان، كۇۋەيت، بەھرەين، ئىراق، ئومان، قاتار ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنىڭ ئىران ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

كوۋىد -19 تۇنجى قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستان، سېنېگال، تۇنىس، ئىيوردانىيە ۋە ماراكەشتە بايقالدى، ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلار سانى ئىراقتا 21، لىۋاندا 13، ئىسرائىلىيەدە 12، قاتاردا 7 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر