بۈگۈن ئىراندا جۈمە نامىزى ئوقۇلمايدۇ

ئىران پايتەختى تېھراننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋەقەلىرى كۆرۈلگەن 23 ئىشتاتتا جۈمە نامىزىنىڭ ئوقۇلمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

1367975
بۈگۈن ئىراندا جۈمە نامىزى ئوقۇلمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران جۈمە ئىماملىرى سىياسەت بەلگىلەش كېڭىشى بۈگۈن (28-فېۋرال) جۈمە نامىزى ئوقۇلمايدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، تېھران، قۇم، گىلان، رەزەۋى، خوراسانى، شەرقىي ئەزەربەيجان، غەربى ئەزەربەيجان، ھەمەدان، ئىسپاھان، مازەندەران، ئەردەبىل، ئەلبۇرز، ھۇزىستان، سىمنان، سىستان-بېلۇچىستان، فارس، كازۋىن، كۈردىستان، كىرمانشاھ، كوھگىلۇيە-بۇيەر ئەھمەت، گۈلىستان، لورىستان، ھۈرمۈزگان ۋە يەزد قاتارلىق 23 ئىشتاتتا جۈمە نامىزى ئوقۇلمايدىكەن.

ئىراندا 31 ئىشتات بار.

ئىران سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى كىيانۇش جىھانپۇر ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 26 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە سانىنىڭ 245 كە چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتايدىن قالسىلا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقە ئەڭ كۆپ كۆرۈلۈۋاتقان جەنۇبىي كورېيەدە، ۋۇخەن ۋىرۇس تېز سۈرئەتتە تارقالماقتا.

جەنۇبىي كورېيەدە بىر كۈندە 505 يېڭى ۋەقە كۆرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى 700 دىن ئاشتى. ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 13 كە يەتتى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابى ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دۈشەنبە (2020-يىلى 2-مارت) كۈنىدىن باشلاپ بىر ئاي قويۇۋېتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ياپونىيەدە سەككىز كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى.

ئىراقتا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى يەتتىگە، لىۋاندا ئۈچكە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر