جەنۇبىي قۇتۇپتىن باشقا ھەممە جاي ۋۇخەن ۋىرۇسنىڭ تەھدىتى ئاستىدا

شىمالىي ماكېدونىيە سەھىيە مىنىستىرى ۋېنكو فىلىپچې (Venko Filipçe) تۈنۈگۈن (2020-يىلى26 -فېۋرال) 1970-يىلى تۇغۇلغان بىر ئايالدا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ بايقالغانلىقىنى، بۇنىڭ پايتەخت سىكوپژېدا كۆرۈلگەن تۇنجى ۋۇخەن ۋىرۇسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1367640
جەنۇبىي قۇتۇپتىن باشقا ھەممە جاي ۋۇخەن ۋىرۇسنىڭ تەھدىتى ئاستىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ماكېدونىيە سەھىيە مىنىستىرى ۋېنكو فىلىپچې ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئايالنىڭ ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى، چۆچۈپ كېتىشكە كېرەك يوقلۇقىنى ۋە مەزكۇر ئايالنىڭ بىر ئايدىن بۇيان ئىتالىيەدە تۇرغانلىقىنى قەيت قىلدى.

دانىيە بىلەن ئېستونىيەدىمۇ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر كۆرۈلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دانىيەلىكنىڭ ئىتالىيەگە قار تىيېلىش ئۈچۈن بېرىپ قايتقاندا، سالامەتلىكىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنىڭ بىلىنگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

فىرانسىيەدە يېڭىدىن ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر كىشىنىڭ بايقىلىشى بىلەن، بۇ سان 18 گە چىقتى. بۇ بېمارلارنىڭ 11 ىدە ياخشىلىنىش كۆرۈلدى، ئىككىسى جېنىدىن ئايرىلدى.

شىۋېتسىيە خەلق ساقلىقنى ساقلاش ئىدارىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىن قايتقان 30 ياشلىق بىر ئايالدا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن شىۋېتسىيەدە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئىككىگە چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

فىنلاندىيە پايتەختى خېلسىنكىدىمۇ ئىتالىيەدىن قايتقان بىر ئايالدا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقى ۋە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ ئىككىگە چىققانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىتالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 12 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 400 دىن ئاشتى.

ئىتالىيە لومباردىيا (Lombardiya) رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى ئاتتىلىيو فونتانا (AttilioFontana) يېقىن خىزمەتداشلىرىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئىككى ھەپتىلىك كارانتىن ئاستىغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كىشىلەرنى ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغان ئىتالىيەنى ساياھەت قىلغاندا دىققەت قىلىشى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، ئىتالىيەنىڭ ساياھەت قىلغاندا «دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك» جايلار كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ موڭغۇلىيەگە مۇناسىۋەتلىك باياناتىدا بولسا، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ موڭغۇلىيەگىمۇ تارقالغانلىقى ئەسكەرتىلدى ۋە «ساياھىتىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىڭ» دەپ چاقىرىق قىلىندى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر كۆرۈلگەن جەنۇبىي كورېيەدىمۇ ساياھەت قىلغاندا دىققەت قىلىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. باياناتتا، جەنۇبىي كورېيەگە بارماقچى بولغانلار، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن «ساياھىتىڭىزنى قايتا ئويلىشىڭ» دەپ ئاگاھلاندۇرۇلدى.

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىدا تارقالغان ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىر دوكلاتى نەقىل كۆرسىتىلگەن خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ۋۇخەن ۋىرۇسى بىرلەشمە پادىشاھلىقتا يېرىم مىليون كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

«ۋۇخەن ۋىرۇسىغا ئۇيغۇن ئەڭ ناچار سېنارىيە» (Covid-19 Reasonable Worst Case Scenario) ناملىق دوكلاتتا، ۋىرۇس تارقىلىشچان ۋابا كېسىلىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئەھۋالدا ئەنگلىيەدە %80 كىشىگە يۇقىدىغانلىقى ۋە يېرىم مىليون جانغا زامىن بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر