ب د ت ئىدلىبقا 26 يۈك ئاپتوموبىللىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ياردەم قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىگە 26 يۈك ئاپتوموبىللىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتىلدى.
1367610
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان 26 يۈك ئاپتوموبىلى خاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىدىكى «<جىلۋەگۆزۈ> چېگرا ئېغىزى» دىن ئۆتۈپ، ئىدلىبكە قاراپ يولغا چىقتى.
ئىگىلىنىشىچە، يۈك ئاپتوموبىللىرىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئىدلىب ۋە ئەتراپىدىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىلىدىكەن.