ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ خىتاي ۋە دۇنيادىكى تارقىلىش ئەھۋالىغا دائىر يېڭى سانلىق ئۇچۇرلار...

خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىگە قاراشلىق ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋىرۇس دۇنيا مىقياسىدا 81 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمگە يۇقتى.

1366876
ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ خىتاي ۋە دۇنيادىكى تارقىلىش ئەھۋالىغا دائىر يېڭى سانلىق ئۇچۇرلار...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس –كوۋىد-19) تۇنجى قېتىم بىرازىلىيەدە ۋە جەنۇبىي كورېيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ بىرىدىمۇ بايقالدى.

جەنۇبىي كورېيە خەۋەر ئاگېنتلىقى – يونخاپنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى شىمالىي گيېئوڭساڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق چىلگوك شەھىرىدىكى كارول ناملىق گازارمىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر ئەسكەردە كوۋىد-19 بايقالغان.

ئامېرىكا ئارمىيەسى كورېيە قىسىملىرى قوماندانلىقى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، 23 ياشلىق مەزكۇر ئەسكەرنىڭ گازارمىنىڭ سىرتىدىكى ئۆيىدە كارانتىناغا ئېلىنغانلىقى، ئەسكەرنىڭ ئۆتكەن ھەپتە دۈشەنبە كۈنى دائېگۇ شەھىرىدىكى ۋالكېر گازارمىسىغا بارغانلىقى، سەيشەنبە كۈنىدىن جۈمە كۈنىگىچە چىلگوكتىكى گازارمىدا تۇرغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى.

باياناتتا، مەزكۇر ئەسكەرگە ۋىرۇسنىڭ قەيەردە ۋە قانداق يۇقۇپ قالغانلىقىنىڭ تېخى ئېنىقلىنالمىغانلىقى، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان، ئالاقىلەشقان كىشىلەرنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

كوۋىد-19 ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەر سانى 2762 گە يەتتى؛ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا 2715، خوڭكوڭدا 2، ئىراندا 15، جەنۇبىي كورېيەدە 11، ئىتالىيەدە 11، ياپونىيەدە 5، تەيۋەن، فىلىپپىن ۋە فىرانسىيەدە بىردىن ئادەم ۋىرۇسنىڭ قۇربانى بولدى.

خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا 78064، خوڭكوڭدا 85، ئاۋمىندا 10 كىشىدە، تەيۋەندە 31 ئادەمدە ۋىرۇس بايقالدى.

ۋىرۇس بايقالغانلىقىنى مەلۇم قىلغان دۆلەتلەرنىڭ نوپۇزلۇق سەھىيە ئورگانلىرى ۋە مەھەللىي تاراتقۇلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يۇقۇملانغۇچىلار سانى جەنۇبىي كورېيەدە 1146، ياپونىيەدە 861، ئىتالىيەدە 323، ئىراندا 95، سىنگاپۇردا 91، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 57، تايلاندتا 40، ئاۋسترالىيەدە 23، بەھرەيىندە 23، مالايشىيادا 22، گېرمانىيەدە 17، ۋىيېتنامدا 16، فىرانسىيەدە 14، ئەنگلىيەدە 13، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە 13، كانادادا 11، كۇۋەيتتە 9، ئىسپانىيەدە 6، ئىراقتا 5، ھىندىستاندا 3، فىلىپپىندا 3، رۇسىيەدە 2، ئىسرائىلىيەدە 2، ئۇمماندا 2، ئاۋستىرىيەدە 2، كىرودىيەدە 1، ئالجىرىيەدە 1، نېپالدا 1، سىرىلانكادا 1، كامبودژادا 1، بېلگىيەدە 1، شىۋېتسىيەدە 1، شىۋېيتسارىيەدە 1،  فىنلاندىيەدە 1، مىسىردا 1، لىۋاندا 1، ئافغانىستاندا 1 ۋە بىرازىلىيەدە 1 ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر