ئەنگلىيە پ ك ك غا قارىتا چەكلىمە دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى قارارلاشتۇردى

ئەنگلىيە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارىتىلغان چەكلىمىنىڭ دائىرىسىنى « TAK » ۋە « HPG » ئىسىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە كېڭەيتىشنى قارارلاشتۇردى.

1366082
ئەنگلىيە پ ك ك غا قارىتا چەكلىمە دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى قارارلاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى ئىرقچى گۇرۇپپا بىلەن پ ك ك نىڭ باشقا ئىسىملىرىنىڭمۇ «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلۈشىگە ئالاقىدار قارارنامە پارلامېنتقا سۇنۇلغان.

قارارنامىگە ئاساسەن، « Sonnenkrieg Division » ئىسىملىك يېڭى ناتسىست گۇرۇپپا بىلەن « System Resistance Network » گۇرۇپپىسى ئىلگىرى چەكلەنگەن « National Action » ئىسىملىك تەشكىلاتنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى سۈپىتىدە «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلىدىكەن.

يېڭى قارارنامە دائىرىسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەزالىقمۇ،  « TAK » ۋە « HPG » ئىسىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە كېڭەيتىلىدىكەن.

قارارنامىدە ئەسكەرتىلىشىچە، پ ك ك ئۇزۇندىن بۇيان تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ قارارنامىنىڭ نىشانى، پ ك ك غا قارشى  كۈرەشكە زىيان يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنغان شەخسلەرنىڭ پائالىيەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىكەن.

ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى پرىتى پاتېل، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيەدىكى يېقىنقى ھۇجۇملارنىڭ زوراۋانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسەبىيلىك تەھدىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ گۇرۇپپىلارنى چەكلەش ئارقىلىق نەپرەتلىك پىتنە – ئىغۋالارنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتىمىز.»

ئىگىلىنىشىچە، ئەنگلىيەدە چەكلەنگەن تەشكىلاتلارنى قوللىغۇچىلارغا 10 يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىلىدىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى « TAK » نى «پ ك ك نىڭ گۇماشتىسى» سۈپىتىدە قوبۇل قىلسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكى» دە «پ ك ك دىن ئايرىم تەشكىلات» دەپ قارىلىدىكلەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر