قاتار ئەمىرى تۇنىستا زىيارەتتە بولماقتا

قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن تۇنىسقا باردى.

1366180
قاتار ئەمىرى تۇنىستا زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى پايتەخت تۇنىستىكى قىرتاجە خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا پىرېزىدېنت قەيس سەئىد تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ كۈتۈۋېلىندى.

تۇنىس پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ يازما باياناتىغا قارىغاندا، سەئىد بىلەن ئال سانى قىرتاجە سارىيىدا ئايرىم كۆرۈشكەن، ئارقىدىن ھەيئەتلەرئارا سۆھبەتلەر باشلانغان؛ ئۇچرىشىشلاردا نۇقتىلىق ھالدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ گۈللەندۈرۈشنىڭ يوللىرى، ئورتاق ئەھمىيەتكە ئىگە رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

ئىيوردانىيەدىن كېيىن تۈنۈگۈن چەت ئەل زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى بولغان تۇنىسقا يېتىپ بارغان قاتار ئەمىرى ئال سانىنىڭ، بۇ يەردىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئالجىرىيەگە ئۆتۈشى پىلانلانماقتا.


خەتكۈچ: #تۇنىس , #قاتار

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر