ناتونىڭ « Dynamic Manta-2020» ھەربىي مانىۋېرى باشلاندى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا قارشى ھاۋا، سۇ ئۈستى ۋە دېڭىز  ئاستىدىكىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئۇرۇشقا تەييار ھالەتتە تۇرۇشنى نىشان قىلىدىغان  « Dynamic Manta-2020» ھەربىي مانىۋېرى باشلاندى.

1366095
ناتونىڭ « Dynamic Manta-2020» ھەربىي مانىۋېرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا سىجىليا ئارىلىنىڭ شەرقىي ساھىللىرىدا باشلانغان مانىۋېرغا، تۈركىيە، ئىتالىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، گىرېتسىيە، ئىسپانىيە، ئەنگلىيە، كانادا ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا 9 دۆلەت قاتناشماقتا.

يېقىندىن بۇيان شەرقىي ئاقدېڭىز ۋە ئوتتۇرا ئاقدېڭىزدا مىللىي قوماندانلىق نامى ئاستىدا 10 ئۇرۇش پاراخوتى بىلەن  ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان، تۈركىيەنىڭ مىللىي ھەق – ھوقۇقلىرى ھەم مەنپەئەتلىرى بار جايلاردا تۈركىيە بايرىقىنى لەپىلدىتىۋاتقان تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي مانىۋېرلىرىنى ئەڭ كۆپ قوللىغان دېڭىز ئارمىيەلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى مانىۋېردىمۇ مەۋجۇدىتىنى كۈچلۈك شەكىلدە ھېس قىلدۇرماقتا.

تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسى مانىۋېردىن، «بارباروس» ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتلىرىدىن « TCG Salihreis »،   « Preveze » تىپلىق سۇ ئاستى پاراخوتلىرىدىن « TCG  18- مارت» ۋە « P-235» تىپلىق دېڭىز قاراۋۇلخانا ئايروپىلانى ئارقىلىق ئورۇن ئالماقتا. «گابيا» تىپلىق « TCG Gaziantep » ناملىق قوغدۇغۇچى پاراخوتمۇ  6 – مار تكۈنى ئاخىرلىشىدىغان مانىۋېرنى قىسمەن قوللىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر