ۋىرۇس ھەققىدە يېڭى مەلۇمات

خىتاي مەملىكەتلىك سەھىيە كومىتېتى ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى ئېلان قىلدى.

1364963
ۋىرۇس ھەققىدە يېڭى مەلۇمات

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي مەملىكەتلىك سەھىيە كومىتېتىنىڭ مەلۇماتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، تۈنۈگۈن (23-فېۋرال) 24 سائەت ئىچىدە 150 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19)   بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەن. 409 كىشى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان. بۇنىڭ بىلەن، خوڭكوڭدا ئۆلگەن ئىككى كىشىنى قوشقاندا، ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2594 كە يەتكەن. ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 77 مىڭ 150 كە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر