خىتاي تەتقىقاتچىلار: ۋىرۇس ۋۇخەندىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا ئەمەس، باشقا يەردە باشلانغان

خىتاي تەتقىقاتچىلىرى (ۋۇخەن ۋىرۇسى) كۇۋىد-19 نىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىكى خۇەينەن دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ سىرتىدا، باشقا بىر يەردە ئىنساندىن ئىنسانغا يۇققان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

1364679
خىتاي تەتقىقاتچىلار: ۋىرۇس ۋۇخەندىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا ئەمەس، باشقا يەردە باشلانغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەسمىي ئاخبارات ئورگانلىرىدىن بىرسى بولغان يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تەتقىقات جەريانىدىكى بايقاشلار، كەڭ دائىرىلىك كۆك ھۇجەيرە سانلىق مەلۇمات ئانالىزلىرى، يۇقۇملىنىش مەنبەلىرى ۋە 4 قىتئەدە 12 دۆلەتتىن توپلانغان يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ 93 ئەۋرىشكىسىنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن بۇ خۇلاسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.   

تەتقىقاتتا يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ باشقا يەردىن ۋۇخەندىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا كەلگەنلىكى ۋە ئاندىن بازاردىن بازارغا تېز تارقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي تەتقىقاتچىلار بۇ ۋىرۇس بىلەن تۇنجى يۇقۇملانغان كىشىنىڭ ۋىرۇسنى خۇەينەن دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى خادىملارغا ۋە سېتىقچىلارغا يۇقتۇرغانلىقىنى، ئادەم زىچ بازارنىڭ ۋىرۇسنىڭ تېز تارقىلىشىنى ئاسانلاشتۇرغانلىقىنى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ ئالدىنقى يىلى دېكابىر ئېيىدا كەڭ - كۆلەملىك تارقىلىشقا سەۋەب بولغانلىقىنى تەخمىن قىلىشماقتا.

ۋىرۇسنىڭ ئىككى قېتىملىق جىددىي نوپۇس ئېشىشى سەۋەبىدىن تېز تارقالغانلىقىنى، بۇلاردىن بىرسىنىڭ 6 - يانۋاردا خىتاي يېڭى يىل بايرىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ، يەنە بىرسىنىڭ بولسا، ئالدىنقى 8يانۋاردا باشلانغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ ئىنساندىن ئىنسانغا يۇقۇش ئارقىلىق نويابىر ئېيىنىڭ ئاخىرى ياكى دېكابىر ئېيىنىڭ باشلىرىدا باشلانغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى شۇنىڭدىن كېيىن خۇەينەن دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا يېتىپ كېلىپ، تارقىلىش نىسبىتىنىڭ تېزلاشقانلىقىنى تەكىتلەشتى.

خىتاينىڭ خوبېي ئۆلكىسىگە قاراشلىق ۋۇخەن شەھىرىدە 12يانۋاردا ئاشكارىلانغان يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇسى ئاپىتى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2444 كىشىگە ۋە يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 76 مىڭ 936 كىشىگە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر