ئەنگلىيە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن رۇسىيەنى ئەيىبلىدى

ئەنگلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى جېيمېس كلېۋېرلى (JamesCleverly) تۈنۈگۈن (20-فېۋرال) تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە شېھىت قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

1363785
ئەنگلىيە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن رۇسىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى جېيمېس كلېۋېرلى تۈنۈگۈن تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە شېھىت قىلىنغانلىقىنى ئەيىبلەپ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىسى بولغان رۇسىيەدىن ھۇجۇملارنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ تۋىتتېردا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئىدلىبتىكى ئىنسانىي كىرىزىس ناھايىتى قورقۇنچلىق ۋە قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى.

ئۇ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن قەھرىتان سوغۇقتا 1 مىليوندەك كىشىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلەپ: «زوراۋانلىق ئاخىرلىشىشى كېرەك. بۈگۈن ئىدلىبتىكى رەھىمسىز بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە، تۈركىيە ئەسكەرلىرى ۋە سۈرىيە پۇقرالىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ناھايىتى قورقۇنچلىق» دېدى.

ئۇ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىسى رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى قوبۇل قىلىشى ۋە بارغانسېرى يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان ئىنسانىي كىرىزىسىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر