فىرانسىيە ئىماملارنىڭ فىرانسۇزچە بىلىشىنى تەكىتلىدى

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىرىستوف گاستانېر (Christophe Castaner) چەت ئەللىك ئىماملارنىڭ 2024-يىلىدىن باشلاپ فىرانسىيەگە كېلىپ ئىماملىق قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1362955
فىرانسىيە ئىماملارنىڭ فىرانسۇزچە بىلىشىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىرىستوف گاستانېر «فرانس ئىنتېر» (France Inter) رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىماملار توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ئۇ: «چەت ئەلدىكى ئىماملار 2024-يىلىدىن باشلاپ فىرانسىيەگە كېلەلمەيدۇ. بۇ توغرىدا، تۈركىيە، ئالجىرىيە ۋە ماراكەشكە مەلۇمات بېرىلدى» دېدى.

ئۇ رامىزان ئېيىدا فىرانسىيەگە كەلگەن ئىماملار سانىنىڭ، بۇ يىل (2020) دىن باشلاپ ئازايتىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون 18-فېۋرال (2020) مۈلۇز (Mulhouse) شەھىرىدە، چەت ئەللەردىن كەلگەن ئىماملار، فىرانسىيەدە خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە تۈركچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىل دەرسى بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ۋە «بۆلگۈنچى ئىماملار» توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.

پىرېزىدېنت ماكرون تۈركىيە، ئالجىرىيە ۋە ماراكەش قاتارلىق دۆلەتلەردىن فىرانسىيەگە كەلگەن ئىماملار سانىنىڭ 300 ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن ۋاز كەچكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئىماملارنىڭ فىرانسىيەدە يېتىشىشى، فىرانسۇزچە بىلىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ئەمما قاچان بۇ بەلگىلىمىدىن ۋاز كېچىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرمىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر