ئاۋستىرالىيەدە 2 كىچىك ئايروپىلان شۇنچە كەڭ ئاسماندا سوقۇشۇپ كەتتى

ئاۋستىرالىيەدە ھاۋادا سوقۇشۇپ كەتكەن 2 كىچىك ئايروپىلاندىكى 4 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1362192
ئاۋستىرالىيەدە 2 كىچىك ئايروپىلان شۇنچە كەڭ ئاسماندا سوقۇشۇپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىكتورىيە ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، مىلبورن شەھىرىنىڭ شىمالدىكى ماڭگالور يېزىسىغا يېقىن جايدا ئىچىدە ئىككىدىن ئادەم ئولتۇرغان ئىككى كىچىك ئايروپىلان نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھاۋادا شوقۇشۇپ چۈشۈپ كەتكەن.

ماڭگالور ئايرودورۇمىنىڭ شەرق تەرىپىدە شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن 11:25 ئۆتكەندە يۈز بەرگەن ۋەقەدە، ھەر ئىككى ئايروپىلاندىكى 4 كىشى ئۆلگەن. 

ۋىكتورىيە ساقچى ئىدارىسى مەسئۇللىرى ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ كىملىكى تېخى ئېنىقلانمىغانلىقىنى ۋە سوقۇشۇپ كېتىش ۋەقەسى ھەققىدە ئاۋستىرالىيە ئاممىۋىي ئاۋېئاتسىيە بىخەتەرلىكى ئىدارىسىغا مەلۇمات يوللانغانلىقىنى ئېيتتى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر