ۋۇچاڭ دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ۋىرۇس بىلەن ئۆلدى

ۋۇخەن ۋۇچاڭ دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ليۇ جىمىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلدى.

1361871
ۋۇچاڭ دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ۋىرۇس بىلەن ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ۋۇخەن ۋۇچاڭ دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلدى.

خىتاي گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ۋۇخان ۋۇچاڭ دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى ليۇ جىمىڭنىڭ ئۆلۈشى بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەن سەھىيە خادىملىرىنىڭ سانى يەتتىگە چىققان.

ليۇ جىمىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەش ئۈچۈن يېڭىدىن سېلىنغان ۋۇچاڭ دوختۇرخانىسىدا ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇ نېرۋا كېسەللىكلىرى ساھەسىدە تونۇلغان مۇتەخەسسىسلەردىن ئىكەن.

جۈمە كۈنى (14-فېۋرال) ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1716، ۋۇخەنگە ئوخشىمىغان ئۆلكىلەردىن ئەۋەتىلگەن سەھىيە خادىملار سانىنىڭ 30 مىڭدىن ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

خىتاي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ ۋىرۇس ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئىچىدە، ياشانغانلاردا، باشقا كېسىلى بار بېمارلاردا ۋە ئەرلەردە ئۆلۈم نىسبىتى يۇقىرى بولغان.

دوكلاتتا، 11-فېۋرالغىچە (2020) خىتايدا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 1023 ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە 60 ياشتىن 69 ياشقىچە بولغانلارنىڭ نىسبىتىنىڭ %30.2، 70 ياشتىن 79 ياشقىچە بولغانلارنىڭ نىسبىتىنىڭ %30.5، 80 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغانلارنىڭ نىسبىتىنىڭ %20.3 ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ۋە باشقا كېسىلى بار كىشىلەردە ئۆلۈم نىسبىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، 11-فېۋرالغىچە باشقا كېسىلى بار ھەم ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەن 653 بېمارنىڭ ئەرلەر، 370 بېمارنىڭ ئايال ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي مەملىكەتلىك سەھىيە كومىتېتى تۈنۈگۈن (17-فېۋرال) ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 1869 غا، يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ 72 مىڭ 436 گە چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر