ترامپ ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ شەنبە كۈنىدىكى تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىغا ئالاقىدار خىزمەتلىرى ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

1360904
ترامپ ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراينىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى جۇد دېئېرې، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ شەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى؛ باياناتتا، «پىرېزىدېنت ترامپ، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى ۋە ئەردوغانغا تۈركىيەنىڭ ئىنسانىي پاجىئەنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ترامپنىڭ تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا، رۇسىيەنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللاشقا خاتىمە بېرىشىنى ۋە سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشقا سىياسىي چارە تېپىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، «ترامپ يەنە، لىۋىيەگە تاشقى كۈچلەرنىڭ مۇداخىلە قىلىشىنىڭ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى قايتىلاپ ئۆتتى» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر