تەلئەبيادتا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تەلئەبياد ناھىيەسىدە بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 4 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى تەرىپىدىن تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تېررورچىلاردىن خاليلاشتۇرۇلغان سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تەلئەبياد ناھىيەسىدە بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 4 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.
تەلئەبياد ناھىيە مەركىزىنىڭ قايناق كوچىلىرىنىڭ بىرىدە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 4 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى؛ خەۋپسىزلىك مەنبەلىرى، تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلغان رايونلاردىكى بومبىلىق ھۇجۇملارنى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك نىڭ سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى، بىراق، تەشكىلاتنىڭ، ھۇجۇملاردا پۇقرالار زىيانكەشلىككە ئۇچرىتىلغانلىقى ئۈچۈن، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
شانلىئۇرفانىڭ ئاقچاقەلئە ناھىيەسىنىڭ سۈرىيە تەرىپىگە جايلاشقان سۈرىيەنىڭ تەلئەبياد ناھىيە مەركىزى 2019 – يىلى 13 – ئۆكتەبىردە تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى سايىسىدا تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلغانىدى.