خىتايدا ۋۇخەن ۋىرۇسىدا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 1771 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي مەملىكەتلىك سەھىيە ئىشلىرى كومىتېتى، ۋۇخەن ۋىرۇسىدا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ بىرى خوڭكوڭدا بولۇپ، جەمئىي 1771 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1360597
خىتايدا ۋۇخەن ۋىرۇسىدا ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 1771 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي مەملىكەتلىك سەھىيە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ۋۇخەن ۋىرۇسى (يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس) تىن يۇقۇملانغانلار سانى 10644 نىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، جەمئىي 70548 گە، ئۆلگەنلەر سانى بىرى خوڭكوڭدا بولۇپ، جەمئىي 1771 گە يەتكەن.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 105 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، يېڭىدىن 2048 كىشىدە ۋىرۇس بايقالغان.

خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىگە قاراشلىق ۋۇخەن شەھىرىدە 2019 – يىلى 12 – دېكابىردا بايقالغان يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خىتاينىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرى ۋە دۇنياغا تارقىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر