گۇاڭجۇ ۋە شىنجېن ھۆكۈمەتلىرىگە كشىلەرنىڭ خۇسۇسىي مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ھوقۇقى بېرىلدى

خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى شەھەرنىڭ سىياسىي كېڭىشى، يېڭى تىپلىق ۋۇخەن ۋىرۇسى ئاپىتىگە قارشى كۈرەش دائىرىسىدە خۇسۇسىي مۇلۈكلەرنى مۇسادىرە قىلىش ھوقۇقى بېرىلدى.

1358412
گۇاڭجۇ ۋە شىنجېن ھۆكۈمەتلىرىگە كشىلەرنىڭ خۇسۇسىي مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ھوقۇقى بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۇاڭجۇ ۋە شىنجېندىكى يەرلىك ھۇكۈمەت كېڭىشى، يېڭى تىپلىق ۋۇخەن ۋىرۇسى ئاپىتىگە قارشى كۈرەشكە، ھەر قايسى شەخسلەر، شىركەتلەر ۋە ئورگانلارنى سەپەرۋەر قىلىش ھازىرلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن تەكلىپىنى تەستىقلىغان.

تەكلىپتە، گۇاڭجۇ ۋە شىنجېندىكى شەھەرلىك ۋە رايونلۇق ھۆكۈمەتلەرگە ھەر قايسى شەخىسلەرنىڭ ۋە شىركەتلەرنىڭ ئاپتوموبىللىرىنى شۇنداقلا ئۆيلىرىنى مۇسادىرە قىلىش، كارخانىلارنىمۇ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كېرەكلىك ئەسلىھەلەرنى ئىشلەپچىقىرىشقا زورلاش ھوقۇقى بېرىلدى. 

گۇاڭجۇ شەھەرلىك كېڭىشى يەنە، ھەر تۈرلۈك ۋەھشىي ھايۋان  سودىسىنى چەكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

يۇقۇملۇق ۋىرۇس ئاپىتىنىڭ مەركىزى بولغان خۇبېي ئۆلكىسىدىن قالسىلا ئەڭ كۆپ يۇقۇملانغۇچىلار بايقالغان جاي خىتاينىڭ جەنۇبىي رايونلىرى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

شىنجېندا 375، گۇاڭجۇدا 317 كىشىنىڭ يېڭى تىڭلىق ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى قەيت قىلىندى.

خىتايدا (يېڭى ئىسمى بويىچە) «كوۋىد 19» يۇقۇملۇق ۋىرۇس ئاپىتىدە، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1114 كە، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 44 مىڭ 653 كە يەتكەن بولۇپ، بۇلاردىن 8204 كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر