تالىبان ئەزالىرى تەسلىم بولدى

ئافغانىستاننىڭ غەربىگە جايلاشقان گور ۋە ھېرات ۋىلايەتلىرىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان 172 تالىبان ئەزاسى خەۋپسىزلىك قىسىملىرىغا تەسلىم بولدى.

1357452
تالىبان ئەزالىرى تەسلىم بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى 207-ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئاخبارات ئىشلىرى مەسئۇلى سايەد ئاكازىيا ھۈسەينى تەسلىم بولغان تالىبان ئەزالىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ باياناتىدا، ئافغانىستان خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە گور ۋە ھېرات ۋىلايەتلىرىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان 172 تالىبان ئەزاسىنىڭ قوراللىرى بىلەن كېلىپ تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، تەسلىم بولغانلار ئارىسىدا تالىباننىڭ رايوندىكى ئاتالمىش كاتتىباشلىرىدىن ئۈچىنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ يېقىنقى بىر ئايدا دۆلەتنىڭ غەربىدە تېررورلۇق ۋەقەسى پەيدا قىلغان 582 تالىبان ئەزاسىنىڭ تەسلىم بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر