خىتاي ۋۇخەن ۋىرۇسىنى مەلۇم قىلىش يۇمشاق دېتالى ئىشلەپچىقاردى

خىتاي ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ – كۆلەمدە تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، كىشىلەرنىڭ ۋىرۇس خەۋپى ئاستىدا ياكى ئەمەسلىكىنى مەلۇم قىلىشى ئۈچۈن مەخسۇس تېلېفون يۇمشاق دېتالى ئىشلەپچىقاردى.

1357156
خىتاي ۋۇخەن ۋىرۇسىنى مەلۇم قىلىش يۇمشاق دېتالى ئىشلەپچىقاردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ «ب ب س» قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «Close Contact Detector» دەپ ئىسىم قويۇلغان يۇمشاق دېتال ئارقىلىق خىتاي پۇقرالىرى، ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغان كىشىلەرنىڭ يىقىن -يۇرۇقلىرى ياكى ئەمەسلىكىنى مەلۇم قىلىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يۇمشاق دېتالنى خىتاي دۆلىتى، خىتاي ئېلېكتىرونلۇق تېخنىكا گۇرۇھى شىركىتى ۋە سەھىيە نازارىتى بىرلىكتە ئۇچۇر سىستېمىلىرىدىن كەلگەن سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا ئىشلەپچىقارغان.

خىتايدا ھازىر ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىن سىرتقا چىقماسلىقى ۋە ئەڭ يېقىن سەھىيە خادىملىرىغا كېسەللىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشى تەلەپ قىلىنماقتا.

بۈگۈنكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 43097 كىشىگە يەتكەن. يۇقۇملۇق ۋىرۇس ئاپىتى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1018 كىشىگە يەتكەن بولۇپ، بۇلاردىن 1016 كىشى خىتاي چوڭ قۇرۇغلۇقىدا، بىرسى خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا، يەنە بىرسى فىلىپپىندە ئۆلگەن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر