بەششار ئەسەد كۈچلىرىگە ئائىت تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈرۈۋېتىلدى

سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە ئۆكتىچىلەر بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىدىن قايتۇرۇۋېلىشقا تىرىشۋاتقان سەراقىب ناھىيەسى مەركىزىنىڭ غەربىي قىسمىدا بەششار ئەسەد كۈچلىرىگە ئائىت تىك ئۇچار ئايروپىلان ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلدى.

1357383
بەششار ئەسەد كۈچلىرىگە ئائىت تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈرۈۋېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەربىي ئۆكتىچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەراقىب ناھىيەسى مەركىزىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى نەيراب بىلەن شىمالىي قىسمىدىكى ئافىس يېزا لىنىيەسىدە بەششار ئەسەد كۈچلىرىگە ئائىت ئىككى تانكا پاچاقلاپ تاشلانغان، بىر تانكا بىلەن بىر دانە «23 mm »  تىپلىق ئايروپىلان سوقار سىستېمىسى قولغا كىرگۈزۈلگەن.

بەششار ئەسەد كۈچلىرى بىلەن قوللىغۇچىلىرى مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا رۇسىيەنىڭ ھاۋا ياردىمىگە تايىنىپ سەراقىب ناھىيەسى مەركىزى بىلەن نەيراب ۋە ئافىسنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى يېزىلارنى قولغا كىرگۈزۈۋالغانىدى.

سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىدلىب ئاساسىي جەھەتتىن ئىچكى ئۇرۇش باشلاندىن بۇيان ئۆكتىچىلەر بىلەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ قەلئەسىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، ئىچكى كۆچۈش ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن نوپۇسى 4 مىليونغا يەتكەن ئىدلىبنىڭ مەركىزى، 2015 – يىلى ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئىدلىب بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان رايون ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە 2018 – يىلى 17 – سېنتەبىر كۈنى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش مەقسىتىدە سوچىدا قوشۇمچە كېلىشىم تۈزدى. ھۇجۇملىرىنى قىسقا ۋاقىت توختاتقاندىن كېيىن قايتىدىن باشلىغان بەششار ئەسەد كۈچلىرى، 2019 – يىلى مايدا رايوننى پۈتۈنلەي قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن قۇرۇقلۇقتىن ھەربىي ھەرىكەت قوزغىدى.

2018 – يىلى 17 – سېنتەبىر  كۈنى «سوچى كېلىشىمى»  تۈزۈلگەندىن بۇيان بەششار ئەسەد كۈچلىرى بىلەن قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئىدلىبكە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا 1800 دىن ئارتۇق پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى. 2019 – يىلى يانۋاردىن بۇيان تۈركىيەنىڭ چېگرا رايونلىرى ئەتراپىغا كۆچكەنلەرنىڭ سانى بىر مىليون 767 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر