مېكسىكا چېگراسىغا سېلىنىدىغان تامنىڭ خىراجىتى ھەل قىلىندى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ مېكسىكا چېگراسىغا سېلىشى پىلانلانغان تام ئۈچۈن لازىم بولغان خامچوتنىڭ كۆپ قىسمىنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون، بەش بۇرجەكلىك بىنا) دىن ھەل قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1356186
مېكسىكا چېگراسىغا سېلىنىدىغان تامنىڭ خىراجىتى ھەل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا س ن ن (CNN) قانىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە تام ئۈچۈن قىلىدىغان ئىقتىسادىي ياردەمگە مۇناسىۋەتلىك رەسمىي بايانات ئېلان قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ 5.7 مىليارد دوللارغا پۈتۈشى تەخمىن قىلىنىۋاتقان تامغا سەرپ قىلىنىدىغان بارلىق خىراجەت مەسىلىسىدە كونگرە بىلەن كېلىشەلمىگەنلىكى، شۇڭا كونگرەدىن 2 مىليارد دوللار تەلەپ قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن تەلەپ قىلغان ياردەمنى، كونگرەنىڭ تەستىقلىشىغا كېرەكنىڭ يوقلۇقى، بۇ سەۋەبتىن ترامپنىڭ تام ئۈچۈن لازىم بولغان ئىقتىسادىي ياردەمنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مايك ئېسپېر (Mark Esper) ئۆتكەن ئاي (2020-يىلى يانۋار) تام ئۈچۈن خىراجەت ئاجرىتىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ: «مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپىسى ئانا ۋەتەننى قوغداش، شۇڭا شەرقىي جەنۇبىي چېگرامىز خەۋپسىزلىك مەسىلىسى ھېسابلىنىدۇ. ئىشلارنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىدىغانلىقىغا قارايمىز» دېگەن ئىدى.

پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىغا 5.7 مىليارد دوللار سەرپ قىلىنىدىغان تام سېلىشنى تەلەپ قىلىشى ۋە كونگرەدىكى دېموكراتلارنىڭ بۇنىڭغا رۇخسەت قىلماسلىقى سەۋەبىدىن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى 2018-يىلى 22-دېكابىردىن 2019-يىلى 25-يانۋارغىچە تاقالغان ئىدى. ترامپنىڭ ئارقىدىن ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسى تەستىقلىغان ئۈچ ھەپتىلىك خىراجەت قانۇنىنى ئىمزالاپ ئىجرا قىلىشى بىلەن، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى تاقالغان مەزگىل ئاخىرلاشقان ئىدى.

ترامپدېموكراتلار تامغا چىقىرىلىدىغان خىراقەتنى تەستىقلىمايدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلىپ، پىرېزىدېنتلىق قارارى بىلەن تامنى سالدۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

ئۆتكەن يىلى (2019) ئوتتۇرا ئامېرىكادىن يولغا چىققان 7 مىڭدىن ئارتۇق كىشى مېكسىكا زېمىنى ئارقىلىق ئامېرىكا چېگراسىغا يېتىپ كەلگەن، بىراق ئامېرىكا چېگرا قوغداش قىسىملىرى ئۇلارنى تۇتۇپ قالغان ئىدى. تۇتۇلغانلار ئىچىدە مىڭلارچە كىچىك بالىنىڭ بارلىقى، كۆپىنچىسى قايتۇرۇلۇش ئۈچۈن ناچار شارائىتلار ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ترامپ بولسا، تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كۆچمەنلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ سوت قارارى بولماي تۇرۇپ، چېگرادىن كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئوتتۇرىغا چىققان ئىنسانىي كىرىزىسلار دېموكراتلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر