ياپونىيە پاراخوتىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ئاشتى

ياپونىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن كارانتىن قىلىنىۋاتقان يولۇچىلار پاراخوتىدا يەنە 41 كىشىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1355301
ياپونىيە پاراخوتىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى (2020-يىلى 4-فېۋرال) يوكوخاما پورتىدا كارانتىن قىلىنىشقا باشلىغان 3700 كىشى چىققان يولۇچىلار پاراخوتىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 61 گە چىققان.

ياپونىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، 20 ياشتىن 80 ياشقىچە بولغان ۋە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى يېڭىدىن بايقالغان 21 ياپونىيەلىك، سەككىز ئامېرىكالىق، بەش ئاۋستىرالىيەلىك، بەش كانادالىق، بىر ئارگېنتىنالىق ۋە بىر ئەنگلىيەلىكنىڭ، توكيو، سائىتاما، چىبا ۋە كاناگاۋادىكى دوختۇرخانىلاردا داۋالاش ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر