ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن ئايروپىلان قازاسى جانغا زامىن بولدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ لوئىسانا ئىشتاتىدا كىچىك تىپتىكى بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ ئۈچ كىشى قازا قىلدى.
1355082
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جاكسون پارىش رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاندى بروۋننىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىسسىسسىپىنىڭ جاكسون شەھىرىدىن قوزغالغان « Cessna » تىپلىق ئايروپىلان چاتھامنىڭ شىمالىدا چۈشۈپ كەتكەن، قازادا ئايروپىلاندىكى ئۈچ كىشى ئۆلگەن، ۋەقەدىن كېيىن تەكشۈرۈش باشلانغان.